Ninjin Music Blog

オリジナル楽曲の紹介やカバー曲を投稿していきます

私の夢に出てきて(レヒム・ヤスン・キャイナミ)


f:id:historyninjin:20240312070931j:image

私の夢に出てきて(レヒム・ヤスン・キャイナミ)

原詩を編んで作曲しました。

2024/3/11 historyninjin


私の夢に出てきて(レヒム・ヤスン・キャイナミ) on Vimeo

 

◆ムカイダイスさんのお便り

 

كۆرۈشۈپ باقمىغان دوستۇم رەھىم ياسىن قاينامى ئۈچۈن

رەھىم ياسىن قاينامى ئۆزىنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى ماڭا ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى سەۋەپلىك كۆپ ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ ئەدەبىياتنى ، شېئىرنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ماشىنا رېمونت قىلغاچ بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات ، شېئىرىيەت توغرىلىق ئىزدەنگەنلىكىنى ، شېئىرنى سۆيىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن . كېيىن خىتاينىڭ لاگېر يېغىۋېلىش بورانلىرى بۇ تىرىشچان ئەقىللىق قېرىندىشمىزنى يۈتۈپ كەتتى . شۇ پېتى كۆرۈشەلمىدىم . قولۇمدا پەقەت ئەۋەتكەن شېئىرلىرىنىڭ ۋورد نۇسقىسى قالدى .
ئالدىدا مەن بۇ دوستۇمنىڭ تەرجىماھالىنى ، شېئىرلىرىنى كۆتۈرۈپ ئامېنىستىيغا ، ياپۇنىيە پېنغا ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارغا باردىم . ئۇلار قاينامىنىڭ مەتبۇئات ئەسەرلىرىنى تەلەپ قىلدى . قولۇمدا قاينامىنىڭ ۋەتەندە نەشر قىلغان ۋە ژورناللارغا بېسىلغان ئەسەرلىرى يوق ئىدى ، ئەكەلدۈرۈشمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى . مەن قولۇمدىكى قاينامىنىڭ شېئىرلىرىنى رەتلەپ كىرىش سۆز يازدىم ، ئاندىن تەكلىماكان نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرۇپ ياپۇنىيەگە ئەكەلدۈرۈپ ئاندىن پۈتۈن كىتاپنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلدىم . ئاندىن يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۈندۇم .

ئامنېستىدىكى بىر خانىمنىڭ ماڭا دىگەن گېپى ئېسىمدە "مەن بۇ شېئىرلارنى بەك ياخشى كۆردۈم ، خىتاينىڭ ئۆز ئانا تىلدا ھاياتنى كۆيلەيدىغان بۇ شائىرنى ، بۇ گۈزەل شېئىرلارنى يوقىتىدىغان نىمە ھەققى بولسۇن . بىز قوتقۇزۇشقا تىرىشىمىز . خىتاي بىر مۇستەبىت بولغاچقا دۇنيانىڭ ئاۋازىغا قولىقىنى يوپۇرىۋالدى . لېكىن بىز تىرىشىمىز ".

رەھىم ياسىن قاينامى تېخى بۇ ئىشلارنى بىلمەيدۇ . شۇنداقلا بەك جىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ مېنىڭ نىمىشقا بۇ شېئىرلارنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىدىغىنىمنى ، ئۇيغۇرچەتەرجىمە كىتاپلارنى ھەر يىلى بىردىن بولسىمۇ چىقىرىۋاتقىنىمنى بىلمەيدۇ .
مەنمۇ بۇ ھەقتە بۈگۈن تۈنجى سۆزلەپ باقتىم . مەن باشقىلارنىڭ مېنى چۈشۈنۈشى ۋە باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ياشىمايمەن . لېكىن مىللەت ۋە ۋەتەن ، مەدىنىيىتىمىز ، ئەدەبىياتىمىزنى قوغداش بىزنىڭ ئويىمىز ياكى قۇرۇق گېپىمىز بويىچە ئەمەس ، شۇ ئوينى گەپنى ھەركەتكە ئايلاندۇرغان چاغدا بىرىنچى قەدەم بېسىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن .

Rahim Yasin Qaynami


私の夢に出て来て

彼女はこの歌が気にいっていた
歌の中で川が流れていた
彼女は服を脱ぎ捨てこの川で泳ぐのが好きだった
そして岸に上がって陽光の下 酒を酌み交わしていた

彼女はこの歌を好いていた
その中で燃える熾烈な炎に
凍える手をかざしながら
服に降りかかった雪を払い 微笑んでいた
雪が溶けて 春の訪れと共に花が咲いていた

彼女はこの歌を手に握り締めて聴くのが好きだった
それを他の人が聴くのを嫉妬していた
歌の中にある棘で彼女の手から血が流れ出ていた時に
私を見つめて泣き出しそうになっていた
そして私はこの歌を手にとって血を流していた・・・

この歌は私たちがとても好きだった
いつも私たちの周りで切なく響いていた
私たちを運命が分かち合った時でさえ
遥か遠く離れた私たちの間でこの歌が響いていた
私たちはこの歌と共に朝食を摂り
そして私たちの内で太陽を広げて
共に日を浴び. . . 離れて. . . .

彼女はこの歌が私と共に好きだった
私はこの歌のそばに彼女と共に行っていた・・・
この歌は未だに私たちの間で響いている
私がこの歌で彼に辿り着けなくても
彼がこの歌を追って私に辿り着けなくても
この歌は未だに私たちの間で響いている

‹‹چۈشۈمگە كىر››

ئۇ بۇ ناخشىنى ياقتۇراتتى
بۇ ناخشىدا بىر دەريا ئېقىپ تۇراتتى
ئۇ كىيملىرىدىن يېشىنىپ بۇ دەريادا ئۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى
ئاندىن قىرغاققا چىقىپ ئاپتاپ بىلەن شاراپ ئىچكەچ مۇڭدىشاتتى...

ئۇ بۇ ناخشىنى ياخشى كۆرەتتى
ئۇنىڭدا كۆيۈۋاتقان ئۇلۇغ ئوتقا مۇزلىغان قوللىرىنى قاقلىغاچ
كىيىملىرىگە قونغان قارلارنى قېقىپ كۈلۈمسىرەيتتى
قارلار ئېرىيتتى،ئەتىياز كېلەتتى،باھار بىلەن تەڭ گۈللەر ئېچىلاتتى

ئۇ بۇ ناخشىنى قولىدا چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ ئاڭلاشنى ياقتۇراتتى
ئۇنى باشقىلارنىڭ ئاڭلىۋېلىشىدىن قىزغىناتتى
ناخشىدىكى تىكەنلەر قولىنى قانغا بويىغاندا ماڭا قاراپ يىغلامسىرايتتى
ئاندىن مەن ئۇ ناخشىنى قولۇمغا ئېلىپ قانلىرىمنى ئېقىتاتتىم......

بۇ ناخشا ئىككىمىزنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى
دائىما ئەتراپىمىزدىلا مۇڭلىنىپلا تۇراتتى
بىزنى تەقدىر ئايرىغاندىمۇ
يىراق-يىراق ئارلىقىمىزدا بۇ ناخشا داۋاملىق ياڭراپ تۇراتتى
بىز بۇ ناخشا بىلەن بىرلىكتە ناشتا قىلىپ
ئۇسسىغاندا ئۇندىكى دەرياغا باراتتۇق
ئاندىن ئىچىمىزدىكى ئاپتاپلارنى يېيىپ
بىللە ئاپتاپقا قاقلىناتتۇق...ئايرىلاتتۇق...

ئۇ بۇ ناخشىغا مەن بىلەن ئامراق ئىدى
مەن ئۇ ناخشىغا ئۇنىڭ بىلەن باراتتىم...
بۇ ناخشا ھېلىھەم ياڭرىماقتا ئارىمىزدا
مەن ئۇ ناخشا بىلەن ئۇنىڭغا بارالمىساممۇ
ئۇ بۇ ناخشىغا ئەگىشىپ ماڭا كېلەلمىسىمۇ
بۇ ناخشا ھېلىھەم ياڭرىماقتا ئارىمىزدا.....