Ninjin Music Blog

オリジナル楽曲の紹介やカバー曲を投稿していきます

若葉が萎れる日

ムカイダイスさんのお便りにあった「若葉が萎れる日」という詩に作曲しました。

ウイグル語の表記は右から左ですが、コピーすると左から右になってしまいますので、ご了承ください。すみません。

 


若葉が萎れる日.mp4 on Vimeo

 

むかいだいすさんのお便り(2021/5/28)

 

ئۇيغۇر شېئىرلىرى ياپۇنىيە ئاسمىنىدا پەرۋاز قىل !
ウイグルの詩よ、日本の風にのって羽ばたけ!
今日は皆さまに東トルキスタンに暮らす天才詩人の一人ムカイダイス・ヤヒヤの新しい詩を日本語に訳した。

مەن شېئىرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋەتەندىكى نادىر شائىر ھەم قىممەتلىك دوسلىرىمدىن بىرى تالانتلىق شائىرە مۇقەددەس يەھيانىڭ شېئىرلىرىدىن يەنە بىرنى ياپۇنچە تەرجىمىسى بىلەن ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن .

ياپراقلىرىم سۇلىدىغان كۈن
مۇقەددەس يەھيا

مۇقەددەس نۇر تەرجىمىسى

 

若葉が萎れる日

 

思いが清らかな朝のように無邪気に遊ぶことを許してくれ
雲り空は真っ青になれ
土星は輝け
太陽は黄金色の化粧をしろ
私は森に隠れ
情熱の果ての色褪せることのない喜びが茂みの影になれ

君の心を私の命から 姿を体から離した時
隠れた狂しい思いが溢れ 骨の髄まで突き刺す
陽光に憧れた頑固な葉が揺れる時
やっとの思いで創った黄金の像が倒れる
会いたい想いが君の夜の心を動かす
悔しさが君の果てしない沈黙に置き換わる
若葉と共に萌える
共に生きる
萎れる

美しさの香りを何処から掬おう
会いたい想いに屈服する目からか
嘘と呼ばれる愛の誓いからか
それとも
早々と萎れる初春の若葉からか

今日は私の若葉が萎れる日
心が肉体から離れて岸辺で泣く日
若い私が舞台から降り 幼い子供に戻る日
泪からはじまる全ての重みを捨てる日
望みが過去の檻から出る時
心が自由に放たれ 幸の喜びを味わう日
永遠の曙の中で
萎れた若葉の終の香りが春風に溶け込む日

 

ياپراقلىرىم سۇلىدىغان كۈن

خىياللىرىمنىڭ پاكىز سەھەردەك بىغۇبار ئوينىشىغا ئىجازەت بەر،
بۇلۇتلۇق كۆك سۈزۈلسۇن،
زۇھەل يۇلتۇزنى چاقنىسۇن،
قۇياش زەر رەڭ خالىنى چەكسۇن،
مەن ئورمانلارغا يوشۇرنىۋالاي،
ھېسسىيات مەنزىلىمدىكى ئۆڭمەس خۇشاللىقلىرىم بۈك-باراقسانلىقتا سايە تاشلىسۇن!

دىلىڭنى جېنىمدىن، ئەكسىڭنى تېنىمدىن ئايرىغاندا،
يوشۇرۇنغان تەلۋە ھېسلىرىم قۇتراپ تېرەن سۆڭىكىڭگە پاتتى،
قۇياش نۇرىغا تەشنا تەرسا ياپراقلىرىم يەلپۈنگەندە،
مىڭ تەسلىكتە قوپۇرغان ئالتۇن ھەيكىلىم غۇلاپ چۈشتى.
ھەربىر سېغىنىشىم تۈنلىرىڭنىڭ يۈرىكىنى جىغىلتىدۇ،
ھەربىر خورلۇقۇم پۈتمەس-تۈگىمەس سۈكۈناتلىرىڭغا قۇيۇلىدۇ.
تىلسىز دىل ئىزھارىمدا،
ياپراق بىلەن تەڭ كۆكلەيمەن،
تەڭ ياشايمەن،
تەڭ سولىمەن.

گۈزەللىكنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى نەدىن سۈزىۋالاي؟
ۋىسال بىقارارلىقىدىكى تەسلىمكار كۆزدىنمۇ؟
يالغان ئاتالغان مۇھەببەتلىك ۋەدىدىنمۇ؟
ياكى،
ۋاقىتسىز سۇلغان باش باھار ياپرىقىدىنمۇ؟

بۈگۈن ياپراقلىرىم سۇلىدىغان كۈن،
جىسمىم سىرتىدىكى ساھىلدا قېنىپ يىغلىيالايدىغان كۈن،
ياشلىق سەھنەمدىن چۈشۈپ كىچىك بىر بالا بولىدىغان كۈن،
كۆز ياشلىرىمدىن باشلانغان بارچە ئېغىرچىلىقنى تاشلايدىغان كۈن،
ئارزۇلىرىم ئۆتمۈش قەپىسىدىن چىققاندا،
يۈرىكىمنى بىمالال ئەگىشكە يول بېرىپ بەخت پەيزىنى سۈرىدىغان كۈن،
مەڭگۈ سۇلماس تاڭ نۇرى ئىچىدە،
سۇلغان ياپراقلىرىمنىڭ ئاداققى ھىدلىرى باھار سەلكىنىگە سىڭىپ كېتىدىغان كۈن